تالانتلىق ياش شائىر باتۇر روزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى تېخمۇ كۈچەيتتى. ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياش تۇرۇپلا ھەر خىل تىپتىكى يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى بېسىمى. ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقى، ئادالەتسىز مۇئامىلىسى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ بۇ خىلدىكى ئۆلۈپ كېتىشلەرنىڭ يازغۇچىلار، شائىرلار، سەنئەتكارلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەشمەكتە.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە ئۆلۈپ كېتىش خەۋىپىگە دۇش كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما روھى جەھەتتىن ھەددىدىن زىيادە بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش جەھەتتە قاتتىق سىقىلىش، كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان ناھەقچىكلەرگە مەجبۇرى بەرداشلىق بىرىش سەۋەبىدىن روھى ھالىتى ۋە پسىخىك جەھەتتىن بىنورماللىشىپ، ئوخشىمىغان تىپتىكى روھى كېسەللەرگە گىرىپتار بولىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىمەكتە. ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. (يالقۇن)