0:00 / 0:00
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججەت تارقىتىپ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈندىن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى چوڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگىچە بولغان مەزگىلدە تەسادىپىي ۋەقە چىقىش ياكى كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، خىتاينىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىمۇ چوڭ يىغىن ئېچىپ، بىڭتۇەندە كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توپىلاڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ۋەلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، نۆۋەتچى خادىم بىلەن سۆزلەشتى، بىراق ئۇ خادىم بىڭتۇەندە بۇنداق ئىشنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئىنكار قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.
