خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىللىرى (1)

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قاراشلىق تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2 ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا زەھەر چېكىش، زەھەر سېتىش ۋە زەھەر ياساش گورۇھىدىن 1045 نى بىت - چىت قىلغانلىقىنى، 11 مىڭ 840 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى، 10 مىڭ 606 زەھەر جىنايەت دىلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى شۇنداقلا 6.27 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تازىلاش ھەرىكىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرۈپ، زەھەرلىك جىنايەتچىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

گەرچە يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن مەلۇماتلار، خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستىكا ھېسابلانسىمۇ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتە، خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ سەۋەپلىك بۇ زىمىندا زەھەر سېتىش قىلمىشلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ سادىر بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن، ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرغان، ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئۇيغۇر ياشلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇ يەنە زەھەر ساتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىقى تۇڭگانلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، بىر قىسىم تۇڭگانلارنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا " بىز ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يەنى ئۇلارغا زەھەر چەكتۈرۈش بىلەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆچىمىزنى ئالىمىز" دەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى يەنە، ھەتتا ساقچىلارنىڭ زەھەر ساتقۇچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، زەھەر سېتىش تىجارىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئۇ، زەھەر ساتقۇچىلارنى قولغا ئالغان ساقچىلارنىڭ ئۇلاردىن كۆپ مىقتاردا پۇل ئېلىپ، ئۇلارنى قويۇۋەتكەندىن سىرت مۇسادىرە قىلغان زەھەرنى، زەھەر ساتقۇچىلارغا بېرىپ، دەرھال سېتىپ ئۆزلىرىگە پۇل قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇيدىكەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئېغىرمۇ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدا ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى، ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ