0:00 / 0:00
ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا ۋە كانادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن ياشلار ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە قانداق ۋە قاچان ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىدىن دېگەندەك خەۋەردار ئەمەس. شۇڭا بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئامېرىكىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە قاچان ۋە قانداق ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى.