0:00 / 0:00
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا مەخسۇس كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ چىقىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەددىدىن تاشقىرى ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئاھالىلارنىڭ ئومۇمى ئىستېمال سوممىسى ئىچىدە ئەڭ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى ھەتتا ھازىر پېنسىيە ۋە ئولتۇراق ئۆي خىراجىتىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئىنتايىن نورمالسىز ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مائارىپ چىقىمى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ.