دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ئىلگىرى ئۈرۈمچى ھەربىي رايون سىياسىي باشقارمىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازى بولۇپ، 1996 - يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋە 1997 - يىلى سىياسىي سۈيقەست تۈپەيلى ۋەتەن سىرتىغا قېچىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھازىر ئۇ "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكا، ياۋروپا، تەيۋەن، خوڭكوڭلاردىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ ساناقسىز زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت نىشانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسى ھەققىدە كۆپ قېتىم باياناتلار ئېلان قىلدى.
دىلشات رېشىت 14 - نويابىر كۈنى "ياۋروپا جۇڭخۇا ۋاقىت" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەر ئىچىدىكى تەسىرى شۇنىڭدەك تىبەتلەر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ "ياۋروپا جۇڭخۇا ۋاقىت" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.