0:00 / 0:00
يېقىندا نيۇيورك ۋە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي زىيالىيلىرى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ دىنىي مەسىلىلەرگە ئەزەلدىن ناھايىتى ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى ، ھەمدە بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.