دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى "تېررورىست تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان" ۋە "قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن" دەپ ئەيىبلەپ، ئىنتېرپولدا(خەلقئارا ساقچىدا) تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىدى.
2003 - يىلى 15 - دېكابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئاشكارە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېررورىستلار تىزىملىكىدىكى 11 ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى قاتارىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىمۇ "تېررورىست" لار قاتارىدا ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ جازا تەدبىرلىرىگە سۇنغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بۆھتانلىرى ھازىرغا قەدەر ئۈنۈم بەرمىگەن. بەلكى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي گراژدانلىققا قوبۇل قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.