د ئۇ ق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى


2004.12.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

1989 – يىلى قۇرۇلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇر "ئىتتىپاق" تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 17 – دېكابىر قىرغىزىستان دۆلەتلىك تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خاتىرىلەش پائالىيىتى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توختىلىتىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

قىرغىزىستان دۆلەت كاتىپى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىموف خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ توختوتىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، "ئىتتىپاق" نىڭ رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقىيىفنىڭ بېشكەكتە چىقىدىغان »ئاغىم« گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھەر بىر ئۇيغۇر كەلگۈسىدە ئۇيغۇرىستان - شەرقى تۈركىستاننىڭ مۈستەقىللىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ دىگەن باياناتنى ئېلان قىلىشى، خىتاي - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مۈرەككەپلەشتۈرۋەتتى" دېگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.