د ۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە دىلشات رىشىت بىلەن د ئۇ ق قۇرۇلتىيى ھەققىدە توختالدى(2)

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – نۆۋەتلىكك قۇرۇلتىيى 2 – ئاينىڭ 24 – 27 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلتاي رەئىسى بولۇپ سايلاندى ۋە يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تۇرغۇزۇپ چىقىلدى.

تۆت كۈن داۋام قىلغان قۇرۇلتاي جەريانىدا يەنە، د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرى تولۇق ۋەزىپىلەندۈرۈلدى ۋە ۋەكىللەرنىڭ يېڭى پىلان – پروگراممىلىرى بويىچە بىر ئۈچ يىللىق خىزمەت پىلانى تەستىقلاندى. ۋەكىللەر بىر دەك ھالدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا باش كاتىپلىققا سايلانغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە باياناتچىلىققا سايلانغان دىلشات رىشىت ئەپەندى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى ھەققىدە توختالدى.