0:00 / 0:00
دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى 57 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۆز غۇرۇرى، مۇستەقىللىقى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا كۆرەش قىلىشتۇر. ئەمما بۇ تەشكىلات ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىر ئاي بۇرۇن مەزكۇر تەشكىلاتقا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر پارچە خەت سۇنغان. بىراق، مەزكۇر تەشكىلات تاكى ھازىرغىچە د ئۇ ق نىڭ يازغان خېتىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.
