د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا يازغان خېتى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نەرجى دىۋا ئەپەندى خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسىدەك مەيداندا تۇرۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئۇيگۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلىغاندا ، 6 – مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت نامىدا ياۋروپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.