دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى، ئىككى يىل داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يىلدا 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل ياردەم بېرىشنى قوبۇل قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 9- كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىدە تەربىيىلەش پروگراممىسىغا يىللىق 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ قارارى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بۇ ھەقتە، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.