ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسى ھەققىدە
2004.08.06
ئىنسانىيەت 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان مىللىي قامۇسلىرىنى نەشرىدىن چىقىرىپ بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ھېچ كىمگە سىر بولمىسا كېرەك؟ ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار گەرچە ئاسىيا قىتئەسىدىكى ناھايىتى مول قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ياراتقان بىر قەدىمىي ھەم زامانىۋى مىللەت بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرىدىغان مىللىي ۋە ئۇنىۋېرسال قامۇسقا ئىگە بولالمىدى.
مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر قامۇسىنى تۈزۈش نىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتى قانچىلىك دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئامېرىكىدىكى يالە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئوز پىكىرلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىللەتشۇناسلارنىڭ يەكۈنلىرىدىن قارىغاندا؛ ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كوپ 100مىللەتنىڭ بىرىدۇر . دېمەك، ئۇيغۇرلار خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانسىمۇ ، لېكىن دۇنيا يۈزىدە ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالماستىن بەلكى، كوپ سانلىق مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدىكەن، دۇنيادىكى 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان خېلى كوپ مىللەتنىڭ نوپۇسى مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن خېلىلا ئاز ھېسابلىنىدۇ.