شاياردا يۈز بېگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسلىمە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان ياشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ناھەق سىياسىتىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق پىكىرلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق قوللۇق بىلەن جازالىنىشىغا ئۇچراپ بۇ دۇنيادىن ئىز-دېرەكسىز يوقالماقتا. ھەتتا ئۇلارنى ئەسلەش ۋە خاتىرلەشمۇ گۇناھ ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ نام نىشانىنىمۇ ئەل قەلبىدىن ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

ئەمما ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتاقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق قانلىق ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئۇلار رادىئو ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاشكارلاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچى دەپ ھېسابلىماقتا.

بۇ پروگراممىمىزدا، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن، شاياردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان بىر ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتىنى دىققتىڭلارغا سۇنىدۇ.