بويىغا يەتمەي ئانا بولۇشنىڭ تەسىرلىرى


2006.08.24

ئۆزى تېخى بالىلىقتا تۇرۇپ ئانا بولغۇچى ۋە ياكى بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغۇچى قىزلار سېپىگە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ قېتىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان ئەخمەقلىقىنىڭ كەينىدىن جىسمانىي ھەمدە روھىي جەھەتلەردىن قانچىلىك بەدەللەر تۆلەيدىغانلىقى، ئەخلاق ئۆلچىمى يۇقۇرى، بولۇپمۇ بويىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ پاكلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ بىر ئىنتايىن چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلا بولۇپلا قالماي ، بۇ يەنە شۇ قىز بالىلارنىڭ نۇمۇس ئىپپىتى، جىسمانىي ساغلاملىقى، روھىي ساغلاملىقى ھەمدە قانۇنىي ھوقۇقلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر .

ئەگەردە بويىغا يەتمىگەن قىزلار تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاندا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلىمى دوختۇرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.