0:00 / 0:00
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشى، سەھىيە ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى پۈتۈن خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ %10 ىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، 1 مىليارد 300 مىليون خىتاي نوپۇسىنىڭ %1 گىمۇ يەتمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە %10 لىك نىسبەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى كەلگۈسىدە بۇ مىللەتنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئامېرىكىدىكى دوختۇر مەمتىمىن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.