0:00 / 0:00
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ئاياللار ۋە قىزلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەيدىز كېسىلى بىلىملىرىگە ئىگە قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا سەھىيە ئورگىنى بۇ يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 10 كۈنىنى ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن ساۋات كۈنى قىلىپ بېكىتكەن .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىنى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدى.