قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور غوجا ئەخمەت سەدۋاقوسوپنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى پەقەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ۋە تۈركشۇناسلىرىنىڭلا ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىملارنىڭمۇ يۇقىرى باھاسىغا سازاۋەر بولغان.
گەرچە، مەرھۇم ئالىمنىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكىنىگە 15 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا قوشۇلغان بىر تۆھپە سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە.
مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمى غوجا ئەخمەت سەدۋاقاسوپنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى، جاپالىق ئەمگەكلىرى، ئىزدىنىشلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئايالى ئۇماق ئاپپاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
