غوجا نىياز قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرمەكچى بولغانلىقى چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىكى غوجا نىياز ھاجىم قەبرىستانلىقى دەپ ئاتالغان، 30-يىلىدىكى قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى غوجا نىياز ھاجى، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مىنىستىرى ساۋۇت داموللا ئابدۇباقى ۋە 40-يىللاردىكى ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ بىرى بولغان مەسئۇت سابىرى بايقۇزى قاتارلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى ئۆز باغرىغا ئالغان بۇ مازارلىقنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلمەكچى بولغانلىقى چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىماقتا.

خىتاي دائىرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورمان بىنا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتسىمۇ، ئامما ئۇيغۇرلار بۇ قەبرە كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى ئىزلارنى ئۆچۈرۈش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تىزلىتىشتىن ئىبارەت ستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى، دەپ باھا بەرمەكتە.

چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۇرىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى يوقىتىشقا قارىتا بېسىلغان يەنە بىر قەدىمى ئىكەن.

كانادادىكى غۇلام ئەپەندى ۋە ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟