
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى چەتئەللەردە بولۇپمۇ ياۋروپا سەھنىلىرىدە، ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەۋاتىدۇ. ئەمما ھەر قېتىملىق ئويۇندا، سەھنىدە، ئۇيغۇر سەنئىتى كۆرسىتىلگىنى بىلەن سەھنە ئارقىسىدا، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئۆز - ئارا توقۇنۇشىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ 18 -، 19 -، ۋە 20 - كۈنلىرى گوللاندىيىدىمۇ ئەينى ئەھۋال يۇز بەردى.
ئۇيغۇر سەنئىتى قوغدالغان ئەمەس، ئامان قالغان سەنئەت
خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى جۇڭخۇا سەنئىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل بىر مىللىي سەنئەت دەپ قارايدۇ.خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ پەرۋىشى ئاستىدا قوغدىلىۋاتقان سەنئەت دەپ قارايدۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇيغۇر سەنئىتىنى، خىتاينىڭ سىياىسي بوران - چاپقۇنلىرىدىن ئامان قالغان سەنئەت دەپ قارايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققى قىلىۋاتقان سەنئەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇيغۇر سەنئىتىنى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر سەنئەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
مانا بۇ سەۋەبتىن ھەر قېتىملىق ئويۇن خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىدە مەسىلە يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق، چەتئەللەردە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولىدۇ ۋە ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا ئوبرازىنى تۈزمەكچى بولىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا،خىتاينى بۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.
"ئويۇن قويۇشنى قارشى ئالىمىز، ساختىپەزلىككە قارشى تۇرىمىز"
گوللاندىيە شەرقى تۇركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى بەختىيار شەمشىدىن، " ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ، دۇنيا سەھنىلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشى بىز ئالقىشلايدىغان بىر پائالىيەت " دەيدۇ، " ئەمما، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ دۇنيادا تونۇشتۇرۇلۇشى چوقۇم توغرا ۋە رېئال بولۇشى كېرەك" دەپ ئەسكەرتىدۇ.
ئۇ يەنە " ئۇيغۇر سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغاندا، تاماشىبىنلار چوقۇم، ئۇيغۇر سەنئىتى تۇغۇلغان زېمىننىڭ نامى شەرقى تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، بۇ سەنئەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان خەلقنىڭ بۈگۈن خىتاي ئاسارىتىدە ياشاۋاتقانلىقى، زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئويۇن تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەمەس، تونۇشتۇرغۇچى خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قالىدۇ" دەپ ئىزاھات بېرىدۇ.
" شەرقى تۈركىستان" نامى ئېلان تاختىسىدا
بۇ نۆۋەت گوللاندىيىدە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر سەنئىتى دولان مۇقامى بولۇپ، ئويۇننى دولان ئانسامبىلى ئورۇنلىغان.
ئانسامبىل گوللاندىيىگە يېتىپ كېلىش بىلەن گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، ئويۇن قويۇلىدىغان تىياتىرخانا مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەن ۋە بۇ قېتىمقى قويۇلىدىغان ئويۇندا خىتاي تەرەپ يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئىپادىلىگەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرەپ بىلدۈرمەكچى بولغىنىدەك، بەخت - سائادەت ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تىياتىرخانا باشلىقى، گوللاندىيە شەرقى تۇركىستان ۋەخپىنىڭ، ئويۇن جەريانىدا، تاماشىبىنلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قوشۇلغان ۋە ئويۇننىڭ ئېلانىغا شەرقى تۇركىستان دېگەن نامنى يېزىشقا ماقۇل بولغان.
كۆكبايراق سەھنىدە
ئويۇن قويۇلغان كۈنى 20 گە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئەزاسى، قوللىرىدا كۆكبايراق كۆتۈرۈپ، تىياتىرخانا ئالدىغا يىغىلغان ۋە تاماشىبىنلارغا شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان. ئويۇننى تاماشا قىلىش ۋە كۆزىتىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغان، ئۇلار ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ دىپلوماتىك كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، كۆكبايراقنىڭ تىياتىرخانا ئىچىگە كىرىشىنى چەكلىگەن.
بۇ ئەھۋالنى ئالدىن پەرەز قىلىشقان پائالىيەتچىلەر، ئويۇن مەيدانىغا،" شەرقى تۈركىستان" ۋە" شەرقى تۈركىستانغا ھۆرىيەت" دېگەن خەتلەر يېزىلغان مايكىلارنى كىيىپ كىرىپ، سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر ئارتىسلىرى بىلەن بىللە ئۇسۇل ئويناپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى سەھنىگە ئېلىپ چىققان.
بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانلانغان تاماشىبىنلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللار سورىغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىغى بەختىيار شەمشىدىن، بۇ پاالىيەت توغرىسىدا تەپسىلى چۇشەندۈرۈش بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، نۆۋەتتە دۇنيا ئەڭ جىددىي بىلىشى كېرەك بولغىنى، ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتى دەپ قارايدۇ ۋە شۇڭا ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇش رولىنى ئوينىماسلىقى كېرەك دەپ ھەركەت قىلىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)