0:00 / 0:00
جۈمە كۈنى شۋېتسيەنىڭ مالمو شەھىرىدە، يېشىل پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا يېشىل پارتىيىسىنىڭ رەھبەر ۋە ئەزالىرى، سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان. يىغىنغا يەنە، تەكلىپكە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى كۈرەش كۈسەن، باياناتچىسى دىلشاد رېشىت قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلى قەدەم تەشرىپ قىلدى. ھەمدە ئۇلار يىغىندا يېشىل پارتىيىسىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىتاينىڭ دېمۇكراتىيەگە مېڭىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق تېمىلاردا تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. (پەرىدە)