0:00 / 0:00
تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان "رادىكال گېزىتى" نىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىنىڭ بىرىنچى سەھىپىسىدە "ئۇيغۇرلارنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدا گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان گۇناھسىز دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا تۈركىيە تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بېسىلغان.
ئەگەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گۇانتانامادا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە بىرەر قانۇنى توسالغۇ كېلىپ چىقامدۇ؟ خەلقئارا كەچۈرۈش تەشكىلاتى تۈركىيە سۆبىسىنىڭ مەسۇلى تانەر قىلىچ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرى قانداق؟