گۈەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوتى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدۇ


2008.04.02

گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باش ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللېت ئەپەندى ، مۇشۇ ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى ۋاشىنگتوندا مەزكۈر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئەرزلىرىدىن بىرىنى سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

مۇخبىرىمىز، سەيبىن ۋاللېتتىن بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ، سوت تەييارلىقىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك ئادۋوكات سەيبىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.

بۇ قېتىمقى سوت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولغان ۋە ئۇزۇندىن بۇيان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.