0:00 / 0:00

گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقان ئادىل ھاكىم، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر تۇققان ئاچىسى كەۋسەر ھاكىمنىڭ يېنىغا ساق - سالامەت يېتىپ باردى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىر - بىرى بىلەن دىدارلاشمىغان قېرىنداشلار ئۆز - ئارا جەم بولۇپ، چەكسىز شادلىققا چۆمدى. قېنى ئەمىسە ئادىل ئەپەندى، كەۋسەر خانىم شۇنىڭدەك كەۋسەرنىڭ يولدىشى ئابدۇللىتىپ ئەپەندىلەرنىڭ شادلىقىغا ھەممىمىز بىرلىكتە ھەمدەم بولايلى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.