
ئۇيغۇر دىيارىدا ھاراق ئىستىمالىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە. ئۇلار ئىستىمالچى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ھاراقلىرىغا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان تارىخى شەخىسلەرنىڭ، قەدىمى يەر ماكانلارنىڭ ۋە بايراملارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇشماقتا.
تېخى يېقىندىلا "نورۇز ھارىقى" ماركىلىق بىر ھاراق بازارغا سېلنىغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە بۇ ھاراق زاۋۇتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسىدە بولۇپ، خوجايىنى خىتاي ئىكەن. بۇ ھاراقنىڭ ئېلانىنى قەشقەرنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھاراق قېپىغا ھەتتا مەسچىت رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. ھاراق ئېلاندا بولسا "ئېسىل بايرام نورۇز، قەشقەرنىڭ ئىسىل ھارىقى نورۇز، قەرشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھارىقى نورۇز" دەيدىغان سۆزلەر ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
بۇ ئەھۋال كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىسىملەرنىڭ ھاراققا قويىلىشىنىگ مىللى كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلەردىن بىرى بولغان دىيارىم تور بېتىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزچە نورۇز ھارىقىدىن بۇرۇن يەنە تېخى ھېيىتگاھ، تۇرپان قىزى، ئوغۇزخان، بارچۇق ھاراقلىرىمۇ بازارغا سېلنىغان ئىكەن. يەنە تەخى دومبىرا ماركىلىق ھاراقمۇ بازارغا سېلنىغان بولۇپ، قازاقلار ئەرز قىلغان بولسىمۇ ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان ئىكەن.
بىز ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ بۇ نارازىلىقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، نورۇز ھارىقى زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى زھوئۇ ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭدىن سوئاللارنى سورىدۇق: خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ماركىنىڭ ئۇستىدىن ئۇيغۇرلار ئەرز سۇنماقچى بولغان ئىكەن، شۇنداقمۇ؟ يوق. بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىنكاسلارنى بەردى. شۇڭا بىز ھازىر ماركىمىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىمىز. ئۇنداقتا سىلەر ئۇيغۇرلار نارازىلىق ئىنكاسلىرى تۈپەيلىدىن بۇ ماركىنى ئۆزگەرتەمسىلەر؟ شۇنداق. بىر مىللى يولداش بۇ ماركىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىزگە دېدى. شۇڭا بىز بۇنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق. سىلەر بۇرۇن بۇ ماركىنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ بىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ قەشقەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورۇز بايرىمىنى باھارنى كۈتۈۋالىدىغان بايرام، قۇربان ھېيىت ۋە روزى ھېيىتقا ئوخشاش دىنى بايرام ئەمەس، دەپ قاراپ نورۇز ئىسمىنى قويغان ئىدۇق. بۇ ئىسىمنى تېخى بىزنىڭ ناھىيىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى قويۇپ بەرگەن ئىدى. بىز ئىچكىرىدىن چىقىپ شىنجاڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان بولغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەيمىز. شۇڭا بۇ ئىنكاس كەلگەندىن كېيىن ماركىنى ئۆزگەرتىمىز. 10 - ئايدا يېڭى ماركىغا ئۆتىمىز. ھازىر بىز نورۇز ھارىقىنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن توختاتتۇق.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان جوئۇرنالىست ئابدۇلباقى ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەتخان ئۆزلىرىنىڭ نورۇز ئىسمىنى ھاراق ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.