0:00 / 0:00
2006- يىلى ۋەتەنلىك ئۇيغۇر ھەجىچىلەر پاكىستاندا ئىسلامئابادتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى ئاستىدا نۇرغۇن سورۇقچىلىقلارنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ھەجىچىلەر بۇ خىل سورۇقچىلىقلاردىن مۇستەسنا ھالدا ھەج ئىبادىتىنى تۈگەتتى.
قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى ئامىنە ھاجىم بۇ يىل قىرغىزىستان ھەج ئۆمىكى تەركىبىدە ھەج ئىبادىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتى توغرىسىدا بېشكەكدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزغا سۆھبەت ئېلىپ باردى.