روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنى زىيارەت

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ھېيتلىق سالىملىرىنى يوللىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار ئورتاق يوسۇندا ئۆز خەلقىنى ئۈمىدلىك بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ بارلىق ئىمتىيازلارنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.