شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسى ئەزاسى ئەركىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

60-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا يۈز مىڭلىغان ئەزاغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيىسى خەلقىنىڭ ئاھۇ – پەريادلىرىغا دىلكەش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان نەيرەڭۋاز زوراۋان سىياسىتىگە قارشى ئۆز پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى.

شۇ يىللاردا ۋۇجۇدىدىن ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، قەلبىدە ۋەتەن-ئەل سۆيگۈسى يېنىپ تۇرغان، ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەركىن ئاكا ئۆزى ئەزا بولۇپ كىرگەن شەرقى تۈركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تاغ-داۋانلارنى ئاتلاپ، قارلىق تاغلاردىن ئۈتۈپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا يىتىپ كەلگەن ۋە تالاي ئۇنتۇلغۇسىز تارىخى قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ۋەتەن سۆيۈپ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى ئەل دەردىدە ئۆرتەنگەن ئەركىن ئاكا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ بولماي چەتئەللەردە سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغان.

ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئەركىن ئاكا شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز نىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.