ھۈسەيىن جىلىل ۋەقەسى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىغا بىر ئاي بولدى. بۇ ئارىدا قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كاناداغا قايتۇرۇشنى رەت قىلغاندىن سىرت ھەتتا ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ مەخپى تۇتماقتا.

ئىگىلىنىشىچە ھۆسەيىن جېلىل ئىلگىرى كانادادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان ئىكەن.

بۇ ھەقتە كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن، ھۆسەيىن جىلىلنىڭ دوستى كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلام ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.