ھۈسەيىن جىلىلگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش خەلقئارا قانۇنغا تۈپتىن خىلاپ

0:00 / 0:00

كانادا دائىرىلىرى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھۈسىيىن جېلىلگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا تۈپتىن خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

كانادانىڭ "گلوب ۋە پوچتا" گېزىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار قاتتىق ئەندىشىگە چۈشتى.

گەرچە كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېرنىڭ سېكرېتارى جېيسىن كىنىي، خىتاي دائىرىلىرىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازلالىمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت ئالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ساقچىلىرى، ھۆسەيىن جىلىلنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق - تۇققانلىرىغا ئۇنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بەرگەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.