0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن، ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. دۇ ق مەزكۇر چاقىرىقىدا جامائەتتىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا قولغا ئېلىشتەك سىياسىي قىلمىشى ئۈستىدىن نارازلىق بىلدۈرۈش شۇنىڭدەك ھۈسەنجان جېلىلنى تېز سۈرئەتتە خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىشنى تەشەببۈس قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلىرىنىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش بولۇش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز ئەقىدە د ئۇ ق نىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.