ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئانا ماكانى بولغان ئېكىساق كەنتىدىكى ھۆسەينىيە مەكتىپى 120يىلدىن ئارتۇق تارىخى جەريانىدا تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي توسالغۇلارنىڭ چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ مەرىپەت مەشئىلى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا، فېئودالىزم، مۇستەملىكىلىك، ئىستىبداتلىق ئۈستىدىن ئىسيان قىلىشقا ئۈندەپ كەلگەن ئىدى.
ئۆزىنىڭ مەرىپەت ئۇرۇقىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە چاچقان بۇ مەكتەپ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" نامىدىكى مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپ ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپكە ئۆزگەرتىلمەكتە. بۇ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە ئىلگىرى يەنى 1930 - يىللاردا مەزكۇر مەرىپەت بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سەلەي ھاجىم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېكىساق ھۆسەينىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تارىخى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىدا ئوينىغان رولى ھەمدە ئۇنىڭ تارىختىن تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلدى.