نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىيەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك، ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا كلىنتون فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز بىمارلىرىغا ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ئۇدا ئۈچ يىل ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مەزكۇر پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. ئاۋىسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك كومېتىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، 25 - ئىيۇل كۈنى رەسمىي يوسۇندا دەرس باشلىدى.
چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تەسىس قىلىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بىراق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كاتېگورىيىسى بويىچە مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، ئۆزىنى - ئۆزى قوغداش ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ھەقتە، مۇخبىرىمىز ئەقىدە بىلەن ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىدىن جاۋاپ تېپىپ كۆرەيلى.