0:00 / 0:00
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن خەۋەردە، مەزكۇر قارار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى سورىدۇق.