رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە سۆزلەپ بېرىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان "پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەن سىياسى ھەرىكەتتە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلاردىن پارتىيىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنىش ئىلتىماسى خېلى يىللاردىن بۇيان رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر پارتىيىدىن چېكىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرگە قارىتا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتمەكتە.
خىتايدا ھازىر پەيدا بولغان كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان سىياسى ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويدى.