خىتاي راستىنلا تەرەققى قىلغان، مۇقىم ۋە پاراۋان جەمئىيەتتە ياشاۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان چاغان بايرىمىدا قىلغان تەبرىك سۆزلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىلان قىلغان باياناتلىرىدا خىتاينىڭ ئىقتىساد تەرەققى قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ،خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغان ،تىنىچ ۋە خاتىرجەم، پاراۋان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقالىنىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ.

غەرب ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىغا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قايتۇرۋاتىدۇ. ئۇنداقتا چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق. ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە،ئەمما ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالمىغان بىر خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.