ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار دېھقانلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشى ۋە قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى
خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى، يالغۇز مائارىپ ساھەسىدە كەڭ قانات يايدۇرۇپلا قالماي ، بەلكى 30 مىليون يۈئەن سەرىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ دېھقانلىرىغا قارىتا خىتاي تىلى ئۆگىتىش سەپەرۋەرلىكىنى بۇ يىللىق چوڭ پىلان قاتارىغا كىرگۈزگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپ ئوقۇغۇچىلار، كېيىن خىزمەتچىلەر، ئەمدىلىكتە دېھقانلارنى خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەن نامدا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل گۇمان ۋە ئەندىشلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئىزچىل ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ مەسىلىگە ۋەتەن ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاددىي قارىسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىلاجىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋە قىزلارنى كۆپلەپ خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەۋاتقان جەنۇبىي رايونلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئۈستىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قىز-چوكانلار ۋە بالىلارنىڭ ئادەم بىدىكلىرىگە ئالدىنىش خەتىرى ئاشماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانداق ئاقىۋەتلەر كۈتىۋاتىدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەنئەتچى قىز قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى "قوش تىللىق مائارىپ" قارشى ئېلىنىدۇ
- " بىر ئائىلىدىن بىرنى" ئېلىپ مېڭىش سىياسىتى بۇيىچە ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشقا مەجبۇرلانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشىدىكى مەخپىي ۋە ئاشكارا تەرەپلەر