چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىكى قەبرىستانلىق يۆتكەش ۋەقەسى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق – سابىت داموللا، غوجىنىياز ھاجى، مەسۇت سابىرى ۋە قۇربان قۇداي قاتارلىق ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ قەبرىستانلىقىنى يۆتكىمەكچى بولغانلىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.

بېشكەكتە ياشاۋاتقان ياسىن ھاجىم ماخمۇت ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.