خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە تۈرلۈك ماقالىلار ۋە بەس-مۇنازىرىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ خىتايدىكى تورغا چىققۇچىلار مۇنازىرە قىلىشىدىغان قىززىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمايدىغان ھەر قانداق ئەسەرلەرنى توساپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تەشۋىقات رولىدا ئىشلىتىپ، ئىنتېرنەتتە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەزمۇنلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەرمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇرىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ئىنتېرنېتلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى مۇنازىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.