ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ھەققىدىكى قاراشلار

0:00 / 0:00

پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرمۇ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشقا باشلىدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئىنتېرنېت تور بەتلىرى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ مەزكۇر ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر بارمۇ؟

بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاخبارات ساھاسىدە خىزمەت قىلغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلشەن خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.