خىتايدا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىشسىزلىق بېسىمى
2004.08.20
خوڭكوڭدا نەشىر قىلىنىدىغان "دا گۇڭ باۋ" ژئورنىلىدا بېرىلگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا بىلدۈرۈلىشىچە: يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كاپالەت مىنىستىرلىكى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، ۋە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق 13 ئورۇن بىرلىكتە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. يىغىنغا قاتناشقان خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ھەل بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر خىتايدىكى ئىشسىزلىق بېسىمىنىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
©
2004 Radio Free Asia