د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ 10 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدە، تورداشلار ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىقتىساد ھەم مۇقىملىق قاتارلىق ئومۇمىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا قارشى ئىنكاسلارنى مەيدانغا چىقارماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.