خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005- يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئوتتۇرا سوتى تەرىپىدىن ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى 8- فېۋرال كۈنى ئىجرا قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، سوتنىڭ ئادالەتلىك بولمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن پۇرسەت بەرمىگەنلىكنى ھەمدە ئۇنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت- ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرى شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتنى 1990- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى قېتىم قىسقا مۇدەتتىلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، ئۇنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولالايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بىر ئىسپات بولغان بولسا، ئىسمائىل سەمەتكە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا قاتتىق جازا بېرىلەتتى، دېيىشمەكتە. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتىرى بولسا، ئىسمائىل سەمەتنى ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ، پائالىيەتكە باشلىغان ئوت يۈرەك بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى دەپ تونۇشتۇرماقتا.
ئىسمائىل سەمەت زادى قانداق خاراكتېرلىك بىر كىشى ئىدى؟ ئۇ قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ ئىسمائىل سەمەتنىڭ يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى، ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابىتجان بىلەن ئۆتكۆزگەن سۆھبتىدىن ئاڭلاڭ.