0:00 / 0:00
1989 – يىلى، قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى قىرغىزىستان دۆلەت قانۇنى دائىرىسىدە ئۆز ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
"ئىتتىپاق" قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 17 – دېكابىر قىرغىزىستان دۆلەتلىك دراما- تىياتىر ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خاتىرىلەش پائالىيىتى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توختىتىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى رەھىمجان ھاپىزوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە سۆزلىدى.