سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەلقارا باشلامچى مۇھاكىمە گېزىتى خىتايدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كەم بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ھازىر خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پەقەت 10 % نىڭ خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى يەنى ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە يەنە، ھازىر خىتايدا ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسى خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل شىركەتلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى رىقابەت قوشۇنىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ بېشىنى قاتتىق ئاغرىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھەر يىلى خىتايغا 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل شىركەتلىرىدە، گەرچە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن خىزمەتچىلەر بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھەتتا ئادەتتىكى خىزمەتنىڭ ھۆدىسىدىنمۇ چىقالمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.
خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئىقتىدارلىق بولۇپ يېتىلەلمەيدۇ؟ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟