خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى : جىياڭ زېمىننىڭ ئىستىپاسى ھەققىدە


2004.09.21

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىن خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىىدىن ۋاز كېچىپ، ھوقوقىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئامېرىكىدىكى خىتاي دىموكراتىيىچىلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسىسلىرى مەزكۈر مەسىلە ھەققىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلماقتا.

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىن كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقوق كۈرىشىنىڭ بىر قەدەركۈچىيىشى بىلەن، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ھۆقوقىنى كونترول قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.كۆپلىگەن ئانالىزچىلار بۇنى" خىتاي يېڭى ئەۋلات رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى49 - يىلى ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ھوقوقنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىۋېلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ" دەپ قارىماقتا.

جىياڭ زېمىن ھوقوق تاپشۇرۇپ بېرىپ، ناھايىتى ياخشى قىلدى

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئۇچۇرمەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەفەندى يېقىندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا" جىياڭ زېمىن ھوقوق تاپشۇرۇپ بېرىشىتە گەرچە سەل كېچىككەن بولسىمۇ،ھەرھالدا كومپارتىيە ئىچىدىكى قانلىق ھوقوق تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى" دەپ كۆرسەتتى:

چىن كۈيدﯤ ئەفەندى سۆزىدە " جىياڭ ئەفەندى بۇنىڭدىن بالدۇرراق ئورۇن بوشاتقان بولسا بولاتتى، شۇنداقتا ئۇ ئاز تولا بولسىمۇ ئۆز ئابرويىنى ساقلاپ قالالايتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھوقوق ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئۆزىنىڭ خەلق قەلبىدە ھىچقانداق ئورۇنغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ خەلق نەپرىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە قوزغىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىدۇر. دىمەك ئۇ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن ئاخىرى ئورۇن بوشاتتى. لېكىن ھەر ھالدابۇ ھەرىكەتنى بىر خىل تىنچ يول ئارقىلىق ئېلىپ باردى " دەپ بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋ ھازىرچە تېخى جىياڭنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ

نىۋيوركتا نەشر قىلىنىدىغان " بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى خىتاي دىموكراتىيىچىسى شۆ ۋېي ئەفەندى " مەن بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قارايمەن، جىياڭ زېمىن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ناھايىتى دانا ئىش قىلدى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولسا پارتىيە ئىچىدە ناھايىتى شىددەتلىك ھوقوق تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرگەن بولاتتى. خۇ جىڭتاۋنى ئېلىپ ئېتساق، گەرچە ئۇ ھازىر مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ھازىرچە تېخى جىياڭنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. يەنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىياڭنىڭ يوليورىقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلمەيدۇ. لېكىن شۇ بىر ئىشنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكى، يەنە بىر- ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جىياباۋلار چوقۇم بىر يېڭى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بەلكىم بەزى جەھەتلەردە جىياڭنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىش قىلماسلىقى مومكىن.ھەتتا مەملىكەت ئىچىدىكى بىر بۆلۈم كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك، 89 - يىلى يۈزبەرگەن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىمۇ مۇمكىن،" دەپ بىلدۈردى.

خىتايدا گورباچېيۋدەك ئۈزۈل ـ كىسىل سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان بىر ئادەم تېخى يوق

شۆۋىي ئەفەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا، " يۇقىرىقىدەك پەرەزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ياكى ئاشماسلىقى خىتاي كومپارتىيە ئىچىدىكى ھوقوق تەقسىم قىلىش ۋە ئىچكى كۈرەشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە باغلىق، لېكىن مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن،خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنىڭ پات ئارىدا تۈپتىن ئۆزگىرىپ كېتىشى تېخى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھازىر خىتايدا گورباچېيۋدەك ئۈزۈل ـ كىسىل سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان بىر ئادەم تېخى مەيدانغا چىقمىدى"ـ دەپ ئەسكەرتىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

" مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم: خىتايدا ھازىر گورباچېيۋدەك بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقالىشى تېخى مۇمكىن ئەمەس، سەۋەپ ناھايىتى ئېنىق: بىرى ھازىر خىتايدا ماۋزېدۇڭ ۋە دىڭ شىياۋپىڭغا ئوخشاش پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ھوقوقنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم تۇتۇپ تۇرغان رەھبەر يوق. جىياڭ زېمىننى ئورۇن بوشاتتى دىگەن بىلەن، ئۇ يەنىلا شەرت قويۇپ، كوللىكتىپ رەھبەرلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. دىمەك جىياڭ زېمىن ئۆزى ھوقوق تۇتمىسىمۇ، باشقىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ئىش بېجىرىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مەنچە، مىڭ ئۆزگىرىش بولدى دىگەن ھالەتتىمۇ، تۈپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايدا ھازىر گورباچېيۋقا ئوخشاش ئۆز مەنپئەتىدىن، ئۆز ھوقوقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، سىياسىي ئىسلاھات ئىلىپ بارىدىغان ئادەم تېخى يوق. ئۇنىڭدەك ئۆز شەخسى مەنپئەتىنى، شەخسى بىخەتەرلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئادەم تېخى يوق. ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۆز ھوقوقىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورقىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك گۇروھىنىڭ ھوقوقىنى ساقلاشقىلا تېرىشىپ، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆيلاپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا راست گەپنى قىلسام مەن جىياڭ زېمىننىڭ ئۆز ئورنىنى خۇ جىنتاۋغا بوشۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن ئانچە خوشال بولۇپ كەتمىدىم."

ھازىرچە خىتايدا دىموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخى مۇمكىن ئەمەس

شۆي ۋېي ئەفەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرچە خىتايدا دىموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ دىموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن ئاز دىگەندە يەنە ئىككى ئەۋلات كېتىدىكەن.(مىھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.