ئامېرىكىدا جاڭ كەيشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاندى


2007-04-05
Share

بۈگۈن 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى تەيۋەندە گومىنداڭچىلار جاڭ كەيشى ئۆلگەنلىكىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان 'تەيۋەننى جاڭ كەيشىدىن خالىي قىلىش' ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ (دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى) تەرەپدارلىرى جاڭ كەيشىنىڭ 'ئىستىبدات' لىقىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى. بۈگۈنكى مۇشۇ كۈندە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى جاڭ كەيشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى بولغان 1932 ‏- يىلىدىن 1945 ‏- يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر ھەققىدىكى قىسمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. بۈگۈن يۈز بەرگەن مۇشۇ بىر يۈرۈش ۋەقەلەر توغرىسىدا ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 'شىنجاڭ مەسىلىسى' ھەققىدىمۇ توختالدى.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە گومىنداڭ 'مىنجىنداڭ جاڭ كەيشىنى جاللات دېدى' دەپ خاپا بولىدۇ. مىنجىنداڭ بولسا 'بىز جاڭ كەيشىنى مۇستەبىت دېسەك، گومىداڭ نارازى بولدى' دەپ خاپا بولىدۇ. گومىنداڭ 'مىنجىنداڭ تەيۋەننى جاڭ كەيشىدىن خالىي قىلماقچى' دەپ خاپا بولسا، مىنجىنداڭ 'گومىنداڭ جاڭ كەيشىنى ھېمايە قىلماقچى' دەپ خاپا بولىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى جاڭ كەيشى خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىر تارىخى شەخسكە باھا بېرىش مەسىلىسى. مىنىڭ قارىشىمچە، تارىخقا راستچىللىق بىلەن، ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا باھا بېرىش كېرەك.

‏- گومىنداڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا چىرىپ كەتكەن پارتىيە ئىدى، ‏- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ‏- گومىنداڭ تەيۋەنگە كەلگەندە، تەيۋەننى ياپونلۇقلاردىن ئۆتكۈزىۋالىمىز دەپ دەپ كەلگەن، تەيۋەنلىك نارازى بولمىغان، لېكىن ئۆتكۈززۈۋالىمىز دەپ خەلقنى بۇلاڭ-تالاش قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەنلىكلەر گومىنداڭغا ئۆچ بولدى. گومىنداڭ تەيۋەندە تۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىق، مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى قىرغىن قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ خەلقنى دەھشەتلىك باستۇردى. تەيۋەنلىكلەر تېخىمۇ ئۆچ بولدى.

- تەيۋەنگە سىرتتىن كەلگەن جۇڭگولۇقلار جاڭ كەيشىنى ياپۇنغا قاشى 8 يىل ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان مىللىي قەھرىمان دەيدۇ، ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ‏- ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئامېرىكا ياۋروپادا نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ سوۋىت بىلەن بىرلىكتە گېتلېرنى مەغلۇپ قىلمىغان بولسا ۋە ياپونغا ئاتوم بومبىسى تاشلىمىغان بولسا، جۇڭگو ياپوننى تەسلىم قىلغۇزالمايتتى. ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن، گومىنداڭ چىرىكلەشتى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. خەلق بىرمەزگىلدىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ گومىنداڭدىنمۇ قەبىھلىكىنى، ماۋزېدۇڭنىڭ جاڭ كەيشىدىنمۇ ياۋۇزلۇقىنى بىلدى. تەيۋەندىكى جۇڭگولۇقلار بۇ ئىككى پارتىيىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئاخىر يەنىلا گومىنداڭنى كومۇنىستىك پارتىيىدىن ياخشىراقكەن، دەپ قارىدى.

‏- تەيۋەن خەلقى كوممۇنستىك پارتىيىنى خالىمايدۇ، جاڭ كەيشى كوممۇنىستىك پارتىيىنى تەيۋەنگە ئەكىرگۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ماۋزېدۇڭدىنمۇ بەك ئەسكى ئەمەسكەن، دەپ قاراپ، يەنىلا بەك يامان كۆرمىدى، ‏ ‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ‏- ئەمما كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەيۋەنگە كىرەلمىگەنلىكىنى جاڭ كەيشىنىڭ تۆھپىسى دېسە توغرا بولمايدۇ ، ئەگەر 50 ‏-يىلى كورىيە ئۇرۇشى پارتلىمىغان بولسا، ئامېرىكا كوممۇنىزمنى چەكلەش ئۈچۈن 7 ‏- دېڭىز پىلوتىنى تەيۋەن بوغۇزىغا ئەكىلىپ تۇرمىغان بولسا، تەيۋەن كوممۇنىست يېغىلىقىدىن خالى قالالمايتتى. گومىنداڭ جاڭ كەيشىنى كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى دەيدۇ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇنى مۇستەبىت دەيدۇ، ئامېرىكىمۇ ئۇنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە رەھبىرى دېمەيدۇ. ھەممە تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇ جاڭ كەيشى يەنىلا بىر مۇستەبىت. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ماۋزېدۇڭنى 'ئىلاھ' دەپ قارىغانغا ئوخشاش، تەيۋەندىكى گومىنداڭمۇ جاڭ كەيشىنى ئىلاھ دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنى تەنقىتلەشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەيكىلىىنى كۆچۈرۈۋىتىشكە بولمايدۇ، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ جاڭ كەيشىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قالماقچى، بۇنداق قىلىۋەرسە يەرلىك تەيۋەنلىكلەر ئۇلارغا شۇنچە ئۈچ بولۇۋاتىدۇ. تەيۋەندە يۈز بېرىۋاتقان قارىمۇ ‏- قارشىلىق مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە تەيۋەنگە سىرتتىن كەلگەنلەر ئاران نوپۇسنىڭ 12% نى تەشكىل قىلىدۇ. سىرتتىن كەلگەن ئازسانلىق كىشىلەر يەرلىك كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەرلىك خەلق بۇنىڭغا قارشى. تەيۋەن ھازىر دېموكراتىك جەمئىيەت. ئەگەر گومىنداڭ مەسىلىنى ئاڭلىق ھالدا بىرتەرەپ قىلمىسا، كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمايدۇ. تەيۋەنگە ئورناتقان جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكىلى 45 مىڭدىن ئارتۇق. تەيۋەننىڭ يەر كۆلىمى ئاران 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرىدىن ئارتۇقراق، دېمەك، 0.8 كۋادرات كىلومىتىردا بىر ھەيكەل بار. خۇددى چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدىكى ماۋزېدۇڭ ھەيكىلىدەك كۆپ. ئامېرىكىدا ئەركىن دېموكراتىك دۆلەت قۇرغان، تۆھپىسىنى دۇنيادا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغان ۋاشىنگتوننىڭ ھەيكىلىمۇ ھەممە يەردە يوق. چوڭ قۇرۇقلۇقتا ماۋنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىپ تاشلىدى، ئاڭلىسام شىنجاڭدىلا تېخى بار ئىكەن. نېمە ئۈچۈن دېموكراتىك تەيۋەندە گومىنداڭ يەنىلا ئۇنى ساقلايمەن دەيدۇ؟ ھازىر تەيۋەندە مۇستەبىت ھادىسىلىرى بولغان 'پارتىيە -دۆلەت' دەيدىغان كونا مائارىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

‏- جاڭ كەيشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن مەسىلە بىر غەلىتە ھادىسە، ‏- دەپ بايانىنى داۋمالاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ‏- بۇ دەۋىردە بىر قارىسا گومىنداڭ ئۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، بىر قارىسا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاندەك. شىنجاڭ، تېبەت، موڭغۇلىيىلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشاش ئۆلكە ئەمەس. 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن مەسىلە شۇنداق غەلىتىكى، بۇ جايغا بىر تۇرۇپ جاڭ كەيشى ئارىلىشىۋالغان، بىر تۇرۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىلىشىۋالغان، شىڭسىسەي دېگەن بىرسى كەلگەن، بىر تۇرۇپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئارىلىشىۋالغان، ماۋزېدۇڭ ئۆزىنىڭ ئۇكىسىنى ئەۋەتكەن، ئومۇمەن، بۇ بىر مەزگىلىدە 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن مەسىلە بىر غەلىتە مەسىلە، مۇرەككەپ مەسىلە، بۇنىڭغا توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن جاڭ كەيشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى دېگەندەك ماتېرىياللارمۇ كېرەك ئەلۋەتتە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت