خىتاي ئۆلكىسىگە قاچۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىپ، ئوغرىلىققا سالىدىغان ۋەقەلەر ھەر دائىم يۈز بېرىپلا قالماستىن، بۇنداق ۋەقەلەر تۈپەيلى ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ بار ئىكەن.

ئۆز يۇرتىدىن، ئاتا - ئانىلىرىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلغان بۇ گۆدەك بالىلار، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن قارا تەقدىرى تۈپەيلى، تۈرلۈك قىيىنچىلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

تەڭرى تاغ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۆلپەتلەرنىڭ ئىچىدىكى نەچچە مىڭىنىڭ پەقەت بىرى ھىساپلىنىدۇ. " قاچۇرۇلغان ئۇيغۇر بالا 11 يىلدىن كېيىن، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ" دېگەن تېمىدا يېزىلغان بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ۋەقەلىك مۇنداق بايان قىلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- ترانسىپورت شىركىتىنىڭ سابىق ئىشچىسى مەردان، گەنسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان پويىزدا 11 يىل بۇرۇن، شىخەنزىدىن قاچۇرۇلغان ئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بالىسىنى ئۇچراتقان. مەرداننىڭ ياخشى نىيەتلىك كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئەلى، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن .

ئەسلىدە ئەلىنى، 6 ياش ۋاقتىدا ئىككى كىشى ئۇنىڭغا تاتلىق يىمەكلەرنى بېرىپ، ئۇنى ئوينىڭ ئالدىدا ئويناۋاتقان يېرىدىن ئالداپ، شىئەنگە ئېلىپ قېچىپ كەتكەن، ئادەم بېدىكلىرى ئەلىنى يەنە بىر قاچۇرۇلغان بالا بىلەن بىرلىكتە يانچۇقچىلىققا سالغان، كىچىك ئەلى يانچۇقچىلىقنى قاملاشتۇرالمىغانلىقتىن كۆپ قېتىم قاتتىق تاياق يېگەن. ئادەم بېدىكلىرى " بۇ شۇم ئىشقا يارىمىدى "دەپ، 10 كۈندىن كېيىن ئەلىنى شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيىسىدىكى بىر خىتاي دېھقانغا سېتىۋەتكەن .

خىتاي دېھقان كىچىك ئەلىنى بىر تەرەپتىن مەدىكار قىلىپ ئىشلەتكەن ۋە ئەلىنى 8 ياشقا كىرگەندە مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن، ئوقۇشقا كىرگەن ئەلى ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، شەنشى شىۋىسىدە پىششىق سۆزلىيەلەيدىغان بولغان. گەرچە ئەلىنى بېقىۋالغان دېھقان ئۇنىڭغا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، بىراق كىچىك ئەلى مەن چوقۇم ئۆز يۇرتۇمغا ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىمەن دېگەن نىيەتنى قەلبىگە چىڭ پۈككەن.

ئەلى بىر قانچە قېتىم، قېچىشنى پىلان قىلغان لېكىن ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 8 -ئايدا ئۇ ، ئوغرىلىقچە مەدىكارلىق قىلىپ ئىشلەپ 53 يۈەن پۇل يىغىپ، پويىز ئىستانسىغا قېچىپ كەلگەن ۋە پويىز ئىستانسىسىدا مەردانغا يولۇققان .

ئەلى، ئۇيغۇر ئېلىگە ساق - سالامەت يېتىپ كېلىپ، شۇندىن ئېتىبارەن ئاق كۆڭۈل مەرداننىڭ ئائىلىسىدە خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك خاتىرجەم ياشىغان ھەم ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان مەرداننىڭ ئايالىنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئانا تىلى بىلەن " ئانا " دەپ چاقىرغان، مەردان ھازىر ئەلىنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسىنى تېپىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا ۋەقەنى مەلۇم قىلغان . ئەلى نۆۋەتتە مەرداننىڭ ئۆيىدە ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

كىچىك ئەلى بەختكە يارىشا ياخشى كىشىلەرگە يولۇقۇپ قۇتۇلۇپ قالدى، بىراق قورقۇنۇچلۇق تۇيۇق يولدىن قۇتۇلالمايۋاتقان ئەلىگە ئوخشاش تىرىك يىتىم بالىلارنىڭ قەيەرلەردە تەمتىرەپ يۈرگەنلىگىدىن ھېچكىم خەۋەردار ئەمەس.

تۆۋەندە ئىستانسىمىزغا بۇ ھەقتە سۇنۇلغان ئىنكاس ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى بولغان، ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلاڭ. (ئەقىدە)