ھۆكۈمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى چۈشەنچىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بار؟

0:00 / 0:00

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋىتىلگەن 'جۇڭگو ياشلىرى' گېزىتىنىڭ شۆبىسى 'مۇز توچكىسى' ھەپتىلىك گېزىتىنڭ مۇھەررىرى لى داتوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە يازغان كىتاب يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان. لى ئەپەندى ياپونىيە مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن توكيوغا كېلىپ، ئۆزى يازغان كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ قىلغان سۆزىدە ژۇرنالىستلارغا خىتايدىكى رېئال ئەھۋالنى ئۆز خەلقىغە ۋە دۇنياغا ئەينەن مەلۇم قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىمۇ ژۇرنالىستلار راس سۆزلەش روھى بىلەن ياپونىيە خەلقىغە خىتايدىكى رېئاللىقنى تونۇشتۇرغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر خەلق كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەيدۇ. ئەركىنلىك ۋە ھوقۇق مەسىلىسىمۇ، خىتايدا ھازىر ھەر بىر ئادەمگە تەڭرى ئاتا قىلغان ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تارتىۋالدى، ئەمدى ئۇنى قايتۇرىۋېلىش كېرەك، دەيدىغان ياكى ھوقۇقىمىزنى ھۆكۈمەتنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمەي، تەڭرى ئۆزىمىزگە بەرگەن ھوقۇقنى ئۆزىمىز قولىمىزدا چىڭ تۇرۇپ قوللىنىۋىرىشىمىز كېرەك، دەيدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر كانادادا تۇرۇۋاتقان مەھەممەت توختى ئەپەندى يۇقىرىدا لى داتوڭ ئەپەندى تونۇشتۇرغان ئەھۋال بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى.